مۇسۇلدا توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن يۈزمىڭلارچە كىشى ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى

مۇسۇلدا دائېشنىڭ چاڭگىلىدىكى رايونلارنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان كىشىنىڭ سانى 320 مىڭغا يەتتى.

713430
مۇسۇلدا توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن يۈزمىڭلارچە كىشى ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنىڭ غەربىگە ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان كۈندىن بۇيان، رايوننى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان كىشىنىڭ سانى 320مىڭغا يەتتى.

كۆچ ۋە كۆچمەنلەر مىنىستىرى جاسىم مۇھەممەد ئەل-جاف بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، شەھەرنىڭ غەربىگە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر سەۋەبلىك رايوننى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان كىشىنىڭ سانىنىڭ 320مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ شەھەرنىڭ شىمال ۋە جەنۇبىغا قۇرۇلغان مۇساپىر چېدىرلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

جاف يەنە مۇنداق دېدى: «مۇسۇلنى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىش ھەربىي ھەرىكەتلىرى باشلىغان 2016-يىلى 17-ئۆكتەبىردىن بۇيان جەمئىي 500مىڭ كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.»

بۇنىڭدىن تاشقىرى، مۇسۇلنىڭ غەربىدە كۆچ ۋە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئەترەتلەرنىڭ باشلىقى ئاسىم ئەس-سەرمەند مۇنداق دېدى: «توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كەتكەن كىشىلەرنى تولىمۇ ھارغىن ۋە ئاچ ھالەتتە قارشى ئېلىپ كېلىۋاتىمىز، بالىلارنىڭ يۈزلىرىدىن يېتەرسىز ئوزۇقلانغانلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ.»

مۇسۇلنىڭ شەرقىنى بۇ يىل يانۋارنىڭ ئاخىرىدا تولۇق قايتۇرۇپ ئالغان ئىراق قىسىملىرى 19-فېۋرالدا مۇسۇلنىڭ غەربىي رايونلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر