ب د ت سۈرىيەلىكلەرنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەلەبنىڭ بەزى رايونلىرىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلارنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

713484
ب د ت سۈرىيەلىكلەرنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيەدىكى قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان فۇئا ۋە قەفرەيادىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلارنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ھەلەبنىڭ غەربىگە جايلاشقان راشىدىندىكى فۇئا ۋە قەفرەيا رايونلىرىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلارنى نىشان قىلغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

ھۇجۇمدا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، سۈرىيەدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنى تارقاقلاشتۇرۇلۇشنى كۈتۈۋاتقانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا چاقىردى.

فۇئا ۋە قەفرەيالىقلار، شۇنداقلا  قىزىلئاي خادىملىرى ۋە مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان 100دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن بۇ ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر