ئىدلىبكە يەنە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىندى

قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى سىككىرىيە يېزىسىغا رۇسىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

713170
ئىدلىبكە يەنە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئىدلىب شەھىرى ئەتراپىدىكى سىككىرىيە يېزىسىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 3 ئايال بىلەن قوشۇلۇپ، 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 8 كىشى يارىدار بولدى.

يەرلىك مەنبەرلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، رۇسىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى جىسىر ئەششۇگۇرا ناھىيەسىگە قاراشلىق سىككىرىيە يېزىسىغا 3 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.

ئولتۇراق رايونلار نىشان قىلىنغان ھۇجۇمدا نۇرغۇنلىغان ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ۋە يارىدار بولغان پۇقرالار رايوندىكى دوختۇرخانىلاردا بالنېتسقا ئېلىنغان.

پۇقرالارنى مۇداپىئە قىلىش ئەترەتلىرى رايوندىكى بىنا خارابىلىقلىرى ئاستىدىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر