ئاقدېڭىزدا ياۋروپا سەپىرىگە ئاتلانغان 97 مۇساپىر ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلدى

ياۋروپا سەپىرىگە ئاتلانغان مۇساپىرلار ئولتۇرغان كېمىنىڭ ئاقدېڭىزنىڭ لىۋىيە تەۋەلىكىدە كۆمتۈرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 97 كىشى ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلدى.

712772
ئاقدېڭىزدا ياۋروپا سەپىرىگە ئاتلانغان 97 مۇساپىر ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى ترابلۇس شەھىرىدىن 10 كىلومېتىر يىراقلىقتا بىر مۇساپىلار كېمىسىنىڭ كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، 23 كىشىنى قۇتقۇزۇۋالدى، ئاياللار ۋە نارىسىدە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 97 كىشى بولسا ئېچىنىشلىق ھالدا غەرق بولۇپ كەتتى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، لىۋىيە دېڭىز سەپىرى ئارقىلىق ياۋروپاغا كېتىشنى كۆڭلىگە پۈككەن مۇساپىرلارنىڭ مۇھىم چىقىش ئېغىزى بولۇپ، ھەممە ياقنى سىياسىي قالايمىقانچىلىق قاپلاپ كەتكەن لىۋىيەدىن يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە 150 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىر ئىتالىيەگە كەتكەن، 2016 – يىلى لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 4 مىڭ 500 دىن ئېشىپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر