«ترامپنىڭ پوزىتسىيەسى رايون خەلقىگە ئۈمىد چىرىغى بولدى»

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ رايون خەلقىگە ئۈمىد چىرىغى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

712662
«ترامپنىڭ پوزىتسىيەسى رايون خەلقىگە ئۈمىد چىرىغى بولدى»
fikri ışık seta.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئىشىق، پايتەخت ۋاشىنگتوندا كەسپدىشى جەيمس ماتىس بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسىنى سۈرىيە كىرىزىسى تەشكىل قىلغان ئۇچرىشىشتا، رەققە، مۇنبىچ قاتارلىق ھالقىلىق نۇقتىلارغا ئېلىپ بېرىلغۇسى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

مىنىستىر ئىشىق ئامېرىكىلىق كەسپدىشىغا  تۈركىيەنىڭ قىزىل سىزىقلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى ھەمدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ قايتىدىن پۇقرالارنىڭ قەتل قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۈرتكلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كېيىنچە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ئىشىق، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ماتىس بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە پ ي د نىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ھەمدە بۇ ھەقتە دوستانە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ ھەمىشە پ ي د مەسىلىسىگە ئىنتايىن سەزگۈر قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىشىق، بۇ ھەقتە ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى ھەمدە نۆۋەتتە رەققەگە قارىتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش توغرۇلۇق كەسكىن قارار يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەرگە قارشى جىددىي ھاۋا مۇداپىيەسى سىستېمىلىرىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىشىق، « S-400 لەر مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالدۇق، ئاخىرقى قارار جۇمھۇر رەئىسىمىز ۋە باش مىنىستىرىمىز تەرىپىدىن چىقىرىلىدۇ» دېدى.

تۈركىيەنىڭ ناتو غا ئەزا بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئېھتىياجىنى ئالدى بىلەن ناتو دائىرىسىدە قامداشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ ئىشقا ئاشمىغاندىن كېيىن، ھەر جەھەتتىن ئىزدىنىشكە توغرا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىشىق،   S-400 لەر مەسىلىسىگە ئالاقىدار قارارنىڭ تۇيۇقسىزلا چىقىرىلغان قارار ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى ھەمدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلىشىگە ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ئائىت شۇئايرات ھاۋا ئارمىيەسى بازىىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇم ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دونالد ترامپنىڭ ئىلھامدۇرۇش خاراكتېرلىك پوزىتسىيەسى رايون خەلقىگە ئۈمىد چىرىغى بولدى، جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قايتۇرغان جاۋابى ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىگە بولۇپ، بۇ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇلۇشى كېرەك. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تۇنجى قېتىم خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەندە ئوباما ھۆكۈمىتى كېرەكلىك جاۋاب قايتۇرغان بولسىدى، رايوننىڭ ۋەزىيىتى بۇنچىلىك قالايمىقانلىشىپ كەتمىگەن بولاتتى.»

رۇسىيەنىڭ بەششار ئەسەدنى قوللىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىشىق، «بەششار ئەسەد بىلەن سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن كىرىزىس تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ» دېدى.

«فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر توغرىلىقمۇ توختالغان ئىشىق، زۆرۈر تېپىلغاندا، يەنە شۇنداق مەقسەتلەردە قايتىدىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ مەسىلىدە ئىشىكلەرنىڭ تامامەن تاقىۋېتىلمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ سىنجاردىكى مەۋجۇدىيىتى توغرىلىقمۇ توختالغان ئىشىق، بۇنىڭغا ئەسلا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى، تۈركىيەنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پ ك ك غا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر