ترامپ: سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىشنىڭ ۋاقتى كەلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ئاقسارايدىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

711589
ترامپ: سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىشنىڭ ۋاقتى كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش، تېررورچىلارنى مەغلۇپ قىلىش ۋە مۇساپىرلارنىڭ ئۆي – ماكانلىرىغا قايتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ئاقسارايدىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

سۈرىيەدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ناتو بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىشارەت قىلغان ترامپ، «ئەسەدنىڭ قورقۇنچلۇق قوراللارنى ئىشلىتىپ سادىر قىلغان قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەشتە ناتوغا ئەزا ئەللەرنىڭ ۋە ئىتتىپاقداشلارنىڭ قوللىشىدىن مىننەتدارمىز. ياردەمگە موھتاج كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ قورقۇنچلۇق شەكىلدە خىمىيەلىك قوراللار بىلەن قەتل قىلىنىشى، ئىنسان ھاياتىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بارلىق مىللەتلەر تەرىپىدىن قەتئىي رەت قىلىنىشى لازىم» دېدى.

ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن موسكۋا دائىرىلىرىنىمۇ ئەيىبلىگەن ترامپ، «نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەن پەقەت چۈشىنىشەلمەيۋاتىمىز. ئەگەر چۈشىنىشەلىگەن بولساق، بەك ياخشى بولاتتى. رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە بولىدىغاندەك قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپ، ئۆتكەن ھەپتە ئىدلىبقا قىلىنغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدىن رۇسلارنىڭ خەۋەردار ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، رۇسىيەنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن يېقىن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ھۇجۇمدىن خەۋەردار بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. بىراق ئۇ كەسكىن ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەستىن، داۋاملىشىۋاتقان تەكشۈرۈشكە ئىشارەت قىلغان ھالدا، «نەتىجىنى كۆرىمىز» دېدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى «ناتونىڭ مودىسى ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئورگان» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ترامپ، ستولتېنبېرگ بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا ئەكسىچە ئىپادە بىلدۈرۈپ، «ناتو مودىسى ئۆتكەن بىر ئورگان ئەمەس» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتى.

ترامپ يەنە، ئەزا ئەللەرنى يەنە بىر قېتىم تۆلەشنى ۋەدە قىلغان پۇللارنى تۆلەشكە چاقىردى.

دونالد ترامپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى لېيتېنانت گېنېرال ھ.ر. ماكماستېرنى يېقىندا ئافغانىستانغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردىكى ناتو ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بىلەن تېررورچىلارغا قارشى كۈرەش بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگمۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ناتودا كۆپلىگەن قىممەتلىك ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئامېرىكا – ناتو مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر