فىرانسىيە مىڭلارچە كىشىنىڭ تېررورلۇق گۇماندارى سۈپىتىدە كۆزىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

فىرانسىيە پالاتاسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «رادىكاللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ يەرلىك ۋە رايونلۇق دائىرىلەر» تېمىلىق دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلار ھەممىنى ھەيران قالدۇردى.

711520
فىرانسىيە مىڭلارچە كىشىنىڭ تېررورلۇق گۇماندارى سۈپىتىدە كۆزىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە مارت ئېيىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندا، 17393 ئادەمنىڭ تېررورلۇق گۇماندارى بولۇشى مۇمكىن دېگەن شۈبھە بىلەن كۆزىتىلگەنلىكى، 2046 فىرانسۇزنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتا تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللنىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

فىرانسىيە پالاتاسىنىڭ «رادىكاللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ يەرلىك ۋە رايونلۇق دائىرىلەر» تېمىلىق دوكلاتىدا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى ماسلاشتۇرۇش باشقارمىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ئورۇن ئالدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مارت ئېيىنىڭ بېشىغىچە بولغان جەرياندا فىرانسىيەدە 17393 ئادەم «فىش – س» كودلۇق تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ، تېررورلۇق گۇماندارى بولۇشى مۇمكىن دېگەن شۈبھە بىلەن كۆزىتىلگەن.

دوكلاتتا، نازارەت قىلىنغان مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ داۋاملىق كۆزىتىلگەنلىكى، بەزىلىرىنىڭ پات – پات تەكشۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

جەمئىي 2046 فىرانسۇزنىڭ نۆۋەتتە سۈرىيە ۋە ئىراقتا تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، فىرانسىيە پۇقراسى 249 كىشىنىڭ مەزكۇر ئەللەردە ئۆلگەن بولۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر