ب د ت نىڭ سۈرىيە قارارى رۇسىيە ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىدى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، سۈرىيەدىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم يىغىن چاقىردى.

711533
ب د ت نىڭ سۈرىيە قارارى رۇسىيە ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەدنىڭ خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى ئەيىبلەنگەن ۋە دەمەشق ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ھەيئىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى تەلەپ قىلىنغان قارار لايىھەسى رۇسىيەنىڭ ۋېتو (رەت) قىلىشىغا ئۇچرىدى.

قارار لايىھەسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە تەرىپىدىن تەييارلانغانىدى. لايىھە، ئەسەدنىڭ 4 – ئاپرېلدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىغا ئالاقىدار پۈتكۈل ئۇچۇرلار بىلەن قوماندانلىق قاتلىمىنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرۇشى، شۇنداقلا خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى بىلەن چېتىشلىقى بار، دەپ قارالغان ھەربىي رايونلارنىڭ تەكشۈرۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىشى قاتارلىق تەلەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

رۇسىيە، ئالدىنقى لايىھەدىن ئازراقلا پەرقلىنىدىغان يېڭى قارار لايىھەسىنىمۇ «قوبۇل قىلىشقا بولمىغۇدەك دەرىجىدە» دەپ باھا بېرىپ، رەت قىلدى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىن زالىدا قاتتىق دەتالاشلار بولۇپ ئۆتتى؛ ئامېرىكىنىڭ ب د ت  تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھېلېي، ئەسەدنىڭ تىنچلىق بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى، رۇسىيە، ئىران ۋە ھىزبۇللاھنىڭ ئۇنىڭغا ئارقا تېرەك بولۇۋاتقانلىقىنى؛ رۇسىيەنىڭ كۈنسېرى ئۆزىنى دۇنيادىن يىراقلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار، رۇسىيەنى ھۇجۇمنىڭ خىمىيەلىك قورال بىلەن قىلىنغانلىقىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىستىنا فرىلاندمۇ، ب د ت دىكى سىستېمىلىق توسقۇنلۇقلارنىڭ سۈرىيەدىكى زۇلۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ ھېساب بېرىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، رۇسىيەنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەگە ئالاقىدار قارار لايىھەسىنى سەككىزىنچى قېتىم رەت قىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، نەتىجىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

فرىلاند باياناتىدا، «كانادا، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بېلەت تاشلاشتا رۇسىيەنىڭ رەت قىلىپ بېلەت تاشلىغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندى. بۇ رۇسىيەنىڭ سۈرىيەگە ئالاقىدار 8 قېتىملىق رەت قىلىشىدۇر. ب د ت  دىكى سىستېمىلىق توسقۇنلۇق سۈرىيەلىكنىڭ ئازابلىرىنى كۆرمەسكە سالماقتا ۋە سۈرىيەدىكى زۇلۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ ھېساب بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا... كانادا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، رۇسىيە بىلەن ئىراننى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى سۈپىتىدە بۇ قورقۇنچلۇق شۇنداقلا قانۇنسىز خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشنى ئەيىبلەيدىغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىر يەردە تۇرۇشقا چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيەمۇ بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار ئۆزى تەييارلاپ چىققان قارار لايىھەسىنى بۈگۈن رەسمىي يوسۇندا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەقدىم قىلدى. رۇسىيەنىڭ مەزكۇر قارار لايىھەسىنىڭ قاچان ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش قىلىنمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر