ئاقساراي باياناتچىسى «گېتلىر» توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئارقا - ئارقىدىن ئىزاھات بەردى

ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى سېئان سپىسېر، بەششار ئەسەد ھاكىمىيەت بېشىدىلا بولىدىكەن، تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر سۈرىيەنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

710812
ئاقساراي باياناتچىسى «گېتلىر» توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئارقا - ئارقىدىن ئىزاھات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى سېئان سپىسېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۆز خەلقىگە قارشى خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەن بىر ھاكىمىيەتنىڭ دۆلىتىدە تىنچلىق ئورنىتىشىنىڭ مۇمكىن  بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى؛ ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىمۇ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «گېتلىرمۇ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكۈدەك دەرىجىدە پەسكەشلىشىپ كەتمىگەنىدى» دېدى، بىراق ئارقىدىنلا سۆزلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۆرۈرىيىتى ھېس قىلىپ، مەقسىتىنىڭ «گېتلىرنىڭ ئەسەدكە ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن ئۆز خەلقىگە سارىن گازى ئىشلەتمىگەنلىكى» نى ئىپادىلەش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

سېئان سپىسېر ئارقىدىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سۆزلىرىنىڭ «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى» بىلەن سېلىشتۇرۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى؛ غەرىزىنىڭ ئەسەد بىلەن گېتلىرنى سېلىشتۇرۇش ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن سپىسېر، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى ياكى گېتلىرنى ئەسلىتىدىغان سۆزلىرىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى ۋە ئاممىدىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ھەر جەھەتتىن قوللاۋاتقان رۇسىيەنى بولسا، «تارىخىي خاتا تەرەپ» تە تۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن سپىسېر، «رۇسىيە، شىمالىي كورېيە، سۈرىيە ۋە ئىران بىلەن يانمۇيان تۇرماقتا ۋە رۇسىيەدىن باشقىلار مەغلۇپ دۆلەتلەردۇر. بۇ ئەھۋالدا رۇسىيەنىڭ ئۆزىنى (خەلقئارا جەمئىيەت) يالغۇزلاشتۇرغانلىقىدا شۈبھە يوق» دېدى.

سپىسېر، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قوراللارغا ئىگە بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ۋە ئالاقىدار كېلىشىمگە رۇسىيەنىڭمۇ قول قويغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، موسكۋانىڭ دەمەشق ئۈستىدىكى نوپۇزىنى خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلەتمەسلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئالدىنقى پىلاندىكى ئىشىنىڭ ھېلىھەم دائېشنى يېڭىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئاقساراي باياناتچىسى سېئان سپىسېر، «ئىككىنچى بولۇپ، ئەگەر رۇسىيە ۋە باشقىلىرىنىڭ كۈچ چىقىرىشى سايىسىدا سىياسىي مۇھىت يارىتىلسا، سۈرىيەلىكلەر ئۆزلىرىگە بىر لىدىر سايلىيالايدۇ» دېدى.

سپىسېر يەنە، رۇسىيەنىڭ ئىدلىبتىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدىن خەۋەردار ياكى ئەمەسلىكىگە توغرىسىدا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئارىسىدا بىردەكلىك يوقلۇقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر