ئامېرىكا: ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىدە شۈبھە يوق

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە قىلىنغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىدە قىلچىلىك شۈبھە يوقلۇقىنى ئېيتتى.

711007
ئامېرىكا: ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىدە شۈبھە يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماتتىس بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتابى قوماندانى جوسېف ۋوتېل پېنتاگوندا، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ شەيرات ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى توغرىسىدا قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى؛ ئىدلىبتىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنى كىمنىڭ قىلغانلىقى توغرىسىدا ئۆزلىرىدە ھېچقانداق ئىككىلىنىش يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ماتتىس، «خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنى قىلىش قارارىنىڭ چىقىرىلىشىغا ۋە ھۇجۇمغا سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شۈبھە يوق» دېدى.

ماتتىس، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ئاساسلىق نىشانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، دائېشنى يوقىتىشنىڭ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى نۇقتىسىدىن ئەڭ مۇھىم ئىش بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي سىياسىتى ئۆزگەرمىدى» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش مەسىلىسىگە ئىنتايىن سەزگۈر قارايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان جېيمس ماتتىس، خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇۋاپىق ھەربىي مۇداخىلىلەرنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇ جەرياندا، ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىر ئەمەلدارى مەتبۇئات مەنسۇپلىرىنى ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنى چاقىرىپ، ئىدلىبتا سارىن گازىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر ئېنىق پاكىتلارغا ئىگە بولغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

سارىن گازىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى دەلىللەيدىغان روشەن پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ گازنىڭ پەقەت سۈرىيە ھاكىمىيىتى تەرىپىدىنلا ئىشلىتىلگەن بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان مەزكۇر ئەمەلدار، «رايوندىكى دائېش ۋە باشقا تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ قولىدا سارىن گازىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان پاكىتلىرىمىز يوق» دېدى.

ۋاشىنگتوننىڭ قولىدىكى پاكىتلارنىڭ، ھۇجۇمنى رايوندىكى دۆلەت سىرتىدىكى ئاكتىيورلار ياكى بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئاقساراي ئەمەلدارى، سۈرىيەنىڭ (ئىمزالىغان كېلىشىمگە رىئايە قىلىپ) پۈتكۈل خىمىيەلىك قوراللىرىنى قولدىن چىقارمىغانلىقىنىڭ روشەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر