خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۆلۈم جازالىرى دوكلاتىدا خىتاي ئالاھىدە دىققەت تارتتى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2016–يىلى خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر سانىنىڭ 2015–يىلىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

710265
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۆلۈم جازالىرى دوكلاتىدا خىتاي ئالاھىدە دىققەت تارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دۇنيا مىقياسىدا 2016–يىلىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىش نىسبىتىنىڭ ئاشقانلىقىنى، بىراق ئىجرا قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ۋە 2 دۆلەتنىڭ ئۆلۈم جازاسى قانۇنىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تەشكىلاتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۆلۈم جازاسى قانۇنى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دۆلەتلەر سانى ئەسلىدىكى 66 دىن 55 كە چۈشكەن بولسىمۇ، بىراق ئۆلۈم جازاسى بىرىش نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىگەن.

دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلاردا، 2016–يىلىدا ئىراننىڭ 567 ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 154 ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش بىلەن ئىككىنچى، ئىراقنىڭ 88 ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش بىلەن ئۈچىنچى، پاكىستاننىڭ 87 ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش بىلەن تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاينىڭ ئىجرا قىلغان ئۆلۈم جازاسى سانىنىڭ بولسا، بۇ تۆت دۆلەتتىن قاتمۇ-قات يۇقىرى بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 

خىتايدا ئىجرا قىلىنغان ئۆلۈم جازاسى سانىنىڭ دۆلەت سىرى سۈپىتىدە مەخپىي تۇتۇلىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىكى رەسمىي مەلۇماتلارغا ئېرىشىش مۇمكىن بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، بۇ دوكلاتقا سانلىق مەلۇماتلارنى كىرگۈزەلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

 خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2016–يىلى خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر سانىنىڭ 2015–يىلىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

دوكلاتتا، 2016–يىلى نايرۇ ۋە بېنىن قاتارلىق 2 دۆلەتنىڭ ئۆلۈم جازاسى قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈم جازاسى بولمىغان دۆلەتلەر سانىنىڭ 141 گە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەركىزىي ئىشخانىسى لوندوندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خەلقئارادىكى ئۆلۈم جازاسى بولغان دۆلەتلەرگە داۋاملىق چاقىرىق قىلىپ، ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ۋە قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

مەنبە:  Deutsche Welle Türkçe  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر