رۇسىيە ۋە ئىران: ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلىشى خەلقئارا بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن روھانىي، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا بەلگىلىمىلەرنى دەپسەندە قىلىشىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

709146
رۇسىيە ۋە ئىران: ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلىشى خەلقئارا بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمىل مەتبۇئات باشقارمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پۇتىن بىلەن رۇھانىنىڭ ئىراننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى؛ سۆھبەتتە، سۈرىيەدىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن ئىككى رەھبەرنىڭ، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا بەلگىلىمىلەرنى دەپسەندە قىلىپ، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بىر دۆلەت بولغان سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، «پۇتىن بىلەن رۇھانى، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىغا خىمىيەلىك ھۇجۇم قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئوبيېكتىپ ۋە بىتەرەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

رۇسىيە ۋە ئىران رەھبەرلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى توقۇنۇشنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىش بويىچە قويۇق ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «رۇھانىنىڭ 27- 28- مارت كۈنلىرى ئىشقا ئاشۇرغان موسكۋا زىيارىتى دائىرىسىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنى ئىجرا قىلىش مۇساپىسى مۇزاكىرە قىلىندى. تەرەپلەر، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ھالقىلىق نۇقتىلىرىنى تەكىتلىگەن ھالدا، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا، بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلىشتى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر