فىرانسىيە ھەسەن ئەلبەننانىڭ نەۋرىسىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ھەسەن ئەلبەننانىڭ نەۋرىسى ھانى راماداننى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.

708841
فىرانسىيە ھەسەن ئەلبەننانىڭ نەۋرىسىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە، دىنىي ئۆلىما ھانى راماداننى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى؛ فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ھانى راماداننىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش سەۋەبىگە ئىزاھات بېرىپ، ئۇنىڭ بەزى سۆز – ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق فىرانسىيە زېمىنلىرىدىكى جەمئىيەت تەرتىپىگە تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىر يىغىندا سۆز قىلىش ئۈچۈن بارغان كولمار شەھىرىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان رامادان، ساقچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۆزى تۇرىدىغان شىۋېيتسارىيەگە ئېلىپ بېرىلدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ھانى رامادان ئىشتىراك قىلىدىغان كۆپلىگەن يىغىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى.

ھانى رامادان، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى (ئىخۋان) نىڭ قۇرغۇچىسى ھەسەن ئەلبەننانىڭ نەۋرىسى بولۇپ، 2002 – يىلى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان جەرياندا فىرانسىيەنىڭ «لې موندې گېزىتى» دا شەرىئەت بەلگىلىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن، كەسىپتىن ھەيدەلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر