شىۋېتسىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمچىسىنىڭ ئۆزبېك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ستوكھولم ھۇجۇمچىسىنىڭ شىۋېتسىيەدە قۇرۇلۇش ئىشچىسى سۈپىتىدە ئىشلەۋاتقان ئۆزبېك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

708556
شىۋېتسىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمچىسىنىڭ ئۆزبېك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا 4 كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە 15 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ گۇماندارى تۇتۇلدى.

ستوكھولم جامائت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 39 ياشلىق گۇماندار بىلەن مۇناسىۋىتى بار كىشىلەرنى ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا باشقا كىشىلەرنىڭمۇ قولغا ئېلىنىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (SVT)  يۈك ئاپتوموبىلىدىن پارتلاتقۇچ بۇيۇملىرى قاچىلانغان بىر سومكىنىڭ تېپىلغانلىقىنى، تۇتۇلغان كىشىنىڭ شىۋېتسىيەدە قۇرۇلۇش ئىشچىسى سۈپىتىدە ئىشلەۋاتقان ئۆزبېك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ئارىلىقتا، شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ستېفان لۆفۋېن ۋەقەنىڭ كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ۋە چېگرا رايونلاردىكى تاموژنا ئېغىزلىرىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ قاتتىق كۈچەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېررورىستلارنىڭ ھېچقاچان مەقسىتىگە يېتلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن لۆفۋېن، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان مەسۇم كىىشلەرنىڭ قايغۇ – ھەسرەتلىرىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر