فىرانسىيە خىتاي، ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ تور ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى

فىرانسىيە بولۇپمۇ خىتاي، ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ تور ھۇجۇملىرىغا قارشى كۈرەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن «تور قوشۇنى» غا خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىشنى تېزلتشتۈردى.

708572
فىرانسىيە خىتاي، ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ تور ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ئاي فىرانسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «تور ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش» سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىگە ئالىي مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تالانتلىقلىرى تاللىنىپ، «تور قوشۇنى» غا قوبۇل قىلىنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇنىڭدىن مەقسەت، بولۇپمۇ خىتاي، ئىران ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تور ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «تۆتىنچى قوشۇن» تەشكىل قىلىش ئىكەن.

فىرانسىيە 2011 – يىلقى 100 تور ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سانىنى 2019 – يىلىغا بارغاندا 3 مىڭغا يەتكۈزۈش ۋە يەنە 4400 ياردەمچى مۇتەخەسسىسنى «تور قوشۇنى» غا قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئۈچۈن 1 مىليارد دوللار ئاجراتقانىدى.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئاي ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمى ھارپىسىدا ئېلېكترونلۇق بېلەت تاشلاشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان تور ھۇجۇمى خەۋپى بارلىقىنى جاكارلىغانىدى.

رۇسىيەنىڭمۇ  پىرېزىدېنت سايلىمىدا دونالد ترامپنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تور ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

نۆۋەتتە تور ھۇجۇملىرى «بىخەتەرلىك جەھەتتىن ناھايتى زور تەھدىت» دەپ قارالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر