شىۋېتسىيەدە قانلىق ھۇجۇم يۈز بەردى

شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا بىر كىشى يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن  سودا سارىيىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئىككى كىشىنى ئۆلتۈردى.

708243
شىۋېتسىيەدە قانلىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇمدا يەنە كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان بولۇپ، ساقچىلار ۋەقەدىن كېيىن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەن.

ستاقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە تاسادىپىيلىقمۇ ياكى تېررورلۇق ھۇجۇمىمۇ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، شىۋېتسىيە دائىرىلىرى يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرىنىڭ كىملىكى ھەققىدە تېخىچە مەلۇمات بەرمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر