باش مىنىستىر پاكىستان ۋە سومالىغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى
باش مىنىستىر يىلدىرىم پاكىستان باش مىنىستىرى نااۋاز شېرىف ۋە سومالى باش مىنىستىرى ھەسەن ئەلى خەيرىگە تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.
708056
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باش مىنىستىر يىلدىرىم لاھوردا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستان باش مىنىستىرى نااۋاز شېرىفكە، موقدىشۇدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن سومالى باش مىنىستىرى خەيرىگە تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ماراكەشتە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن باش مىنىستىر بولغان سادەددىن ئوسمانىغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىغان.