تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسۇلمانلار سانىنىڭ سۈرئەت بىلەن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى
مەركىزى ئامېرىكىغا جايلاشقان Pew شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈشى، ئىسلامنىڭ دۇنيادا ئەڭ تېز كېڭىيىۋاتقان دىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Pew نىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، 2060 – يىلىغا بارغاندا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى خىرىستىيانلارنىڭ سانىغا تەڭلىشىپ قالىدىكەن.
2015 – يىللىق ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بويىچە، خىرىستىيانلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ %31 ىنى، مۇسۇلمانلار بولسا، %24 ىنى تەشكىل قىلىدۇ.
Pew تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار، 2060 – يىلىغىچە مۇسۇلمانلار سانىنىڭ 3 مىلياردقا يېتىپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ %31.1 ىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئوخشاش مەزگىلدە خىرىستىيانلارنىڭ سانى 3 مىليارد 100 مىليونغا يېتىپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ %31.8 نى تەشكىل قىلىدىكەن .
2060 – يىلىغا بارغاندا دۇنيا نوپۇسىنىڭ 9 مىليارد 600 مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان Pew، بۇ جەرياندا دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئىنسانلار نىسبىتىنىڭ %16 دىن %12 گە تۆۋەنلەيدىغانلىقى، ھىندۇلار بىلەن بۇددىستلار سانىنىڭ ئازىيىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۆلچەرىنىمۇ دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن ئورتاقلاشتى.
تەكشۈرۈشتە، خىرىستىيان نوپۇسىنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك كۆپىيىشى ئۆلۈش ۋە تۇغۇلۇش نىسبەتلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئىزاھلاندى.