كولومبىيەدىكى سەل ئاپىتىدە يۈزلەرچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

كولومبىيە پىرېزىدېنتى سانتوس، كولومبىيەنىڭ موكوا شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن سەل ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 293 كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

707140
كولومبىيەدىكى سەل ئاپىتىدە يۈزلەرچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت سانتوس، دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان پۇتۇمايونىڭ پايتەختى موكوادىكى سەل ئاپىتىگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقان ھالدا، «ئەپسۇسكى، ئاپەتتە يوقىتىپ قويغان كىشىلىرىمىزنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. ئۆلگەنلەر سانى 193 كە يەتتى. 195 كىشىنىڭ جەسىتى ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى» دېدى.

كولومبىيە پىرېزىدېنتى سانتوس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، سەل ئاپىتىدە يارىلانغانلار سانىنىڭ 332 كە يەتكەنلىكىنى، بۇلاردىن 119 كىشىنىڭ داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن قايتىپ چىققانلىقىنى؛ يەنە سەل ئاپىتىدە يوقاپ كەتكەن 467 كىشىدىن 34 ىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 119 ىنىڭ ساق – سالامەت تېپىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇ جەرياندا پىرېزىدېنت سانتوس ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە سەل ئاپىتىدىن كېيىن قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر