ھاماس ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس، ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەرەبلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بازارلاردىكى ئۆي – ماكانلارنىڭ يىقىپ تاشلىنىش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش نىشان قىلىنغان قانۇنىي بەلگىلىمىنى ماقۇللىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

707015
ھاماس ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس باياناتچىسى ھازىم قاسىم يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «بۇ قانۇنلار، زىيۇنىست ئىشغالچىلارنىڭ قۇرۇلغىنىدىن بۇيان پەلەستىن خەلقىگە قارشى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئېتنىك تازىلاش خاراكتېرلىك سىياسىتىنىڭ داۋامىدۇر. ئىشغالچىلار، ئوخشاش بولمىغان ئەللەردىن كەلگەن زىيۇنىستلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا» دېدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشنى ۋە ئىرقچى سىياسەتلىرىنى توختىتىشى ئۈچۈن سۆزلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيە پارلامېنتى (كنېسسېت)، ئەرەبلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزا – بازارلاردىكى ئۆي – ماكانلارنى چېقىش سۈرئىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىنى نىشان قىلغان «پىلان ۋە قۇرۇلۇش» ناملىق قانۇنىي كۆرسەتمىنى ماقۇللىغانىدى.

ئىسرائىلىيە، يانۋار ئېيىدا قەلەنسۇا بازىرىدىكى ئەرەبلەرگە تەۋە 11، ئۇممۇلھەيران بازىرىدىكى 15 ئۆينىڭ رۇخسەتسىز سېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ چېقىۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر