موقدىشۇدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.
706278
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 7 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، يارىلانغانلار سانى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھازىرچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.
ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى، موقدىشۇدىكى چەت ئەللىكلەر ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق گۇماندارى ھېسابلىنىدۇ.