ئەرەب ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئاخىرلاشتى

28-نۆۋەتلىك ئەرەب ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى باش كاتىپ ئەھمەت ئەبۇ گايتنىڭ 15 ماددىلىق ئاممان خىتابنامىسىنى ئوقۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

702191
ئەرەب ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيەنىڭ قىزىل دېڭىز رايونىدا ئېچىلغان 28-نۆۋەتلىك ئەرەب ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ خىتابنامىسىدە، سۈرىيە كىرىزىسىنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىرى ۋە سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا قۇچاق ئاچقان دۆلەتلەرنى قوللاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن تېگىشلىك ئىمكانىيەتلەرنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەرەب ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەت ئەبۇ گايت 15 ماددىلىق ئاممان خىتابنامىسىنى ئوقۇدى. ئۇ يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلغان ئىيوردانىيەگە تەشەككۈر ئېيتىپ، پەلەستىن، ئىران تەسىرى ۋە تېررورلۇقققا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرى قاتارلىق رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

خىتابنامىدە، پەلەستىن بىلەن ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى 1967-يىلدىكى چېگرالارغا تەۋە، پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى قوبۇل قىلىنغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئاساسىدا مۇددىتى بەلگىلەنگەن ھالدا قايتىدىن باشلاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتابنامىدە، ئامېرىكىنىڭ ئىسىرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تېل ئاۋىۋدىن قۇددۇسقا يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

خىتابنامىدە يەنە، ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇقىملىقىنىڭ ئەرەب مىللىي خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئاساسلىق تۈۋرۈكلەردىن بىرى ئىكەنلىكى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى يوقىتىش ۋە مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىشتا ئىراققا ياردەم قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىسلام قورقۇنچى ۋە ئىسلامنى تېررورلۇق بىلەن ئوخشاش قىلىپ كۆرسىتىش خاھىشلىرىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىغا قارىتا پەيدا بولغان ئەندىشەلەر تىلغا ئېلىنغان خىتابنامىدە، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشى تەۋسىيە قىلىندى.

خىتابنامىدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۈچ ئارالغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بۇ ئاراللارنى ئىراندىن قايتۇرۇۋېلىش توغرسىدىكى قەتئىي ئالاھىدە نامايان قىلىنغان خىتابنامىدە، ئىراننىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۈچ ئارال مەسىلىسىنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ياكى خەلقئارالىق سوتقا ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق تىنچلىق ئۇسۇلدا ھەل قىلىش تەشەببۇسىغا ئىجاىي جاۋاب قايتۇرۇشى چاقىرىق قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر