سۈرىيەدە تەرەپلەر پۇقرالارنى بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيەدە توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى يېزىلاردىكى پۇقرالارنى بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

702703
سۈرىيەدە تەرەپلەر پۇقرالارنى بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى باياناتچىسى فەرھان ھەق بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۈرىيەدە توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ دەمەشق ئەتراپىدىكى مادايا ۋە زابادانى، ئىدلىبتىكى فۇئا ۋە كافرايا يېزىلىرىدىكى پۇقرالارنى بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ كېلىشىم ۋە مۇزاكىرەلەرنىڭ تەرىپى ئەمەس. مەزكۇر 4 يېزىدا ياشاۋاتقان تەخمىنەن 60 مىڭ پۇقرانىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز ھەمدە ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز.»

پۇقرالارنى تىنچ، بىخەتەر ۋە ئۇلار كېتىشنى خالايدىغان جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن ھەق، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە ئۇلارنىڭ قايتىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى قەيت قىلدى.

تەرەپلەردىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىملىرىنىڭ مەزكۇر جايلارغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ھەق، ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىشنى خالىمايدىغانلارنىڭمۇ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيەدە قورشاۋ ئاستىدىكى رايونلاردا ياشاۋاتقان پۇقرالارنىڭ جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ھەمدە تەرەپلەرنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشقا چاقىرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر