چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئۈچۈن سۇ ئۈزۈش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشىنى شەرت قىلدى

خىتايدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈشى ئۈچۈن، 50 مېتىر سۇ ئۈزۈش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشىنى شەرت قىلدى.

702594
چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئۈچۈن سۇ ئۈزۈش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشىنى شەرت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پايتەخت بېيجىڭدىكى خىتاينىڭ ئەڭ قەدىمىي تەلىم – تەربىيە ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرەلىشى ئۈچۈن، قانداق ئۇسۇلدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر 50 مېتىر ئۇزۇنلۇققا ئۈزۈپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئۇقتۇردى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرەلمەسلىك بىلەنلا قالماي، چەت ئەلدە ئوقۇش ئىمكانىيەتلىرىدىنمۇ پايدىلىنالمايدىكەن.

ئۇنىۋېرسىتېت مەسئۇللىرىدىن لىيۇ بو، يېڭى تۈزۈمنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ تىمەن بولۇشىنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇ – ئوقۇتۇشنى باشلىغان 1915 – يىلىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىمتىھاننىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان لىيۇ بو، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىنالارنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلار سانىدىكى ئازىيىش تۈپەيلى بۇ ئىمتىھاننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر