ناتو تىللېرسون ئۈچۈن يىغىنىنىڭ ۋاقتىنى ئالدىغا سۈردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ئەزا ئەللەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ۋاقتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئالدىغا سۈرۈلدى.

700763
ناتو تىللېرسون ئۈچۈن يىغىنىنىڭ ۋاقتىنى ئالدىغا سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو، 5-، 6 – ئاپرېل كۈنلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىشنى پىلانلىغان يىغىنىنىڭ ۋاقتىنىڭ 31 – مارت جۈمە كۈنىگە ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون، 5-، 6 – ئاپرېل كۈنلىرىدىكى ناتو يىغىنىغا ئىشتىراك قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇ ۋاقىتتا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى دائىرىسىدە پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

يىغىنغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.

بۇ جەرياندا تىللېرسون ناتو يىغىنىدىن ئىلگىرى يەنى 30 – مارتتا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر