ئىران بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى باشلىدى

ئىران، 15 ئامېرىكا شىركىتىگە «ئىسرائىلىيە ۋە تېررورىزمغا ياردەم قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

699918
ئىران بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىدە ئېلان قىلىنغان بىر باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپلىمە ھالدا ئىران بىلەن ئالاقىدار شەخس ۋە شىركەتلەرگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگونىڭ خەلقئارا بەلگىلىمە ۋە ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانىغا زىت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە خەۋپسىزلىك، قورال ۋە قۇرۇلۇش ساھەسى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 15 شىركىتىنىڭ 2017 – يىلى 21 – مارتتىن ئېتىبارەن ئىراننىڭ ئىمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، مەزكۇر شىركەتلەر بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنىڭ مەنئىي قىلىنغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئالاقىدار كىشىلەرگە ۋىزا بېرىلمەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، «ئىسرائىلىيە ۋە تېررورىزمغا ھەمنەپەس بولغانلىقى» ئۈچۈن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان ئامېرىكىنىڭ 15 شىركىتى ئىچىدە

Bent Tal, United Technologies Products, ITT Corporation, Raytheon, Re/Max Real Estate, Magnum Research Inch., Oshkosh Corporation, Kahr Arms ve Elbit System

قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر