ئامېرىكا ئارمىيەسى 200 ئىراق پۇقراسىنى خاتا ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ئامېرىكا ئارمىيەسى مۇسۇلدا يەنە ئەڭ ئاز 200 ئىراق پۇقراسىنى خاتا ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلدى.

699211
ئامېرىكا ئارمىيەسى 200 ئىراق پۇقراسىنى خاتا ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە ئەڭ ئاز 200 پۇقرانىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بومباردىمان ھەرىكىتىنى ئۆزىنىڭ قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئىراق بىلەن سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە بۇرۇنمۇ  «خاتا»ھالدا نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى يوشۇرمىغان ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ قېتىممۇ يەنە بىگۇناھ كىشىلەرنى خاتا ھالدا ئۆلتۈرۈپ تاشلىغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئىراق ئارمىيەسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بۇ جاينى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەسى «قاراش»دەپ قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى مۇسۇلدا ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمان ۋەقەسىدىن كېيىن ئەڭ ئاز 200 بىگۇناھ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، شۇنداقلا ھاشدى شابى بىلەن ئىراق پارلامېنتى تەرىپىدىنمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بۇ ۋەقە توغرۇلۇق بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «16-مارتتىن 23-مارتقىچە ئېلىپ بېرىلغان بومباردىمان ھەرىكەتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن 17-مارتتا بومباردىمان قىلغان جايلار بىلەن بىگۇناھ كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەن جاي  ئوخشاش بولۇپ چىققان.»

ئامېرىكا ئارمىيەسى بومباردىماننىڭ سەۋەبلىرى ۋە بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك قاراشلارنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر