باڭلادىشتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

باڭلادىشنىڭ پايتەختى داككادا ئايرودۇرۇم يولى بويىدىكى بىر ساقچىخانا ئەتراپىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

699065
باڭلادىشتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، زوراۋان ساقچىخانا ئەتراپىدا ئۈستىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارلاتقان، ۋەقەدە زوراۋاننىڭ سىرتىدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ داككادا يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئىكەن.

17 – مارت كۈنى بىر زوراۋان باڭلادىشنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئەترىتى مەركىزى ئەتراپىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر