تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بۇيرۇققا بويسۇنمىغانلىقى سەۋەبىدىن پۇقرالاررنى ئۆلتۈردى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئىراقتا «ئەمىرلىرىگە ئىتائەت قىلمىغان» لىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 20 پۇقرانى ئۆلتۈردى.

698634
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بۇيرۇققا بويسۇنمىغانلىقى سەۋەبىدىن پۇقرالاررنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىنوۋا ۋىلايەتلىك مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى گازۋان ئەدائۇدىنىڭ ئېيتىشىچە، دائېش تەرىپىدىن مۇسۇلنىڭ غەربىدىكى ئەلماتاھىن مەھەللىسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەرلەر بولۇپ، دائېش مەھەللە ئاھالىسىنى ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىپ، غەربىي رايونلارغا كېتىشكە قىستىغان، بۇنىڭغا قارشى چىققانلارنى ئۆلتۈرگەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، «ئەمىرلىرىگە ئىتائەت قىلمىغان» ئاياللارنىڭ زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرىنىمۇ مۇسادىرە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر