پۇرسەت تاپسىلا تۈركىيەگە قارشى تېررورنى قوللاپ كېلىۋاتقان شىۋېيتسارىيە بۇ قېتىم ھەيران قالدۇردى

شىۋېيتسارىيەدە چىقىدىغان ھەپتىلىك «‹ۋېلتۋوھې› ژۇرنىلى» تۈركىيەگە 17 سەھىپە ئاجراتتى.

698411
پۇرسەت تاپسىلا تۈركىيەگە قارشى تېررورنى قوللاپ كېلىۋاتقان شىۋېيتسارىيە  بۇ قېتىم ھەيران قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ژۇرنال جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەسىمىنى مۇقاۋىسىغا چۈشۈرۈپ، «ئەردوغان ئۈچۈن ئادالەت» دەپ تېما قويدى.

ژۇرنالنىڭ فېنېرال مەجلىستە پارلامېنت ئەزاسى بولغان مۇھەررىرى ۋە باش يازغۇچىسى روگېر كۆپپېل تۈركىيەگە كەڭ ئورۇن ئاجرىتىلغان بىر ماقالە يازدى.

ئۇ، «دىققەت، بۇ ماقالەم تۈركلەرگە بولغان خاتا قاراشلارغا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە يېزىلدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، ئەردوغانغا ئىجابىي قاراش تەكلىپىنى سۇندى.

تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن كۆپپېل، ماقالىسىنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانىڭ تۈركىيە خەلقىنىڭ دېموكراتىك قوللىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «ئەتراپى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن قورشالغان تۈركىيەگە بولغان ھۆرمىتىم چوڭقۇر. غەرب ئەللىرىدىكى ئەردوغاندىن نەپرەتلىنىدىغانلار تۈركىيەدە ئارقىمۇئارقا يۈز بېرىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ قانداق؟ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى جەريانىدا يۈزلەرچە كىشى ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا ھاياتىدىن ئايرىلمىدىمۇ؟»

ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە دېموكراتىيەگە ئاساسلىنىدىغان ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ يوقلۇقىنى مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان كۆپپېل، شۇڭا ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە ئىگە كۈچلۈك تۈركىيەنىڭ غەرب ئەللىرى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ۋە ئەردوغانغا قارىتا پوزىتسىيەمىز ئوچۇق بولۇشى لازىم، گۇمانىي قاراشلاردىن قۇتۇلۇپ، ياخشى نىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. زامانىۋى تۈركىيەنى 1923 – يىلى لوزاندا تۇنجى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەر بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىۋېيتسارىيە ئەۋزەل ئورۇندا تۇرماقتا.»

ئىگىلىنىشىچە، 1933 – يىلدىن بۇيان  نېمىس ۋە فىرانسۇز تىلىدا چىقىۋاتقان ژۇرنالنىڭ ھەر ھەپتە 51 مىڭ نۇسخىسى سېتىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر