چېچىنىيەدە قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى

رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق چېچىنىيەنىڭ نائۇرىسكايا رايونىدا رۇسىيە ئەسكەرلىرى بىلەن بىر تۈركۈم قوراللىقلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

698366
چېچىنىيەدە قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق چېچىنىيەدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قوراللىقلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 6 ئەسكەر ئۆلدى.

تاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نائۇرىسكايا رايونىدا بىر گۇرۇپپا قوراللىقلار، يېرىم كېچىدە ئېغىرلىشىپ كەتكەن تۇمانلىق ھاۋادىن پايدىلىنىپ ھەربىي قىسىملار تۇرۇۋاتقان جايغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان پەيتتە بايقىلىپ قالغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشتا 6 ئەسكەر ئۆلدى، 3 ئەسكەر يارىلاندى.

توقۇنۇش نەتىجىسىدە، ھەربىي قىسىم تۇرۇۋاتقان جايغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان قوراللىق 6 كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر