ياۋرو رايونى باشلىقىنىڭ بىمەنە سۆزلىرى ياۋروپادا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلدى

ياۋرو رايونى باشلىقى ۋە گوللاندىيە مالىيە مىنىستىرى جېرون دىسسېلبلۇم، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبتىكى ئەزالىرى توغرىسىدا بىمەنە سۆزلەرنى قىلىپ قويدى.

697356
ياۋرو رايونى باشلىقىنىڭ بىمەنە سۆزلىرى ياۋروپادا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىسسېلبلۇمنىڭ گېرمانىيەدە چىقىدىغان بىر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان سۆھبەت خاتىرىسىدە قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبتىكى ئەزالىرىنىڭ پۇل – پىچەكلىرىنى ھاراق ۋە ئاياللارغا سەرپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرى ئىتالىيە، گىرېتسىيە، ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيەدە كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلدى.

دىسسېلبلۇم، ئىرقچىلىق قىلىش، ئاياللارغا ئايرىمىچىلىق قىلىش ۋە چەت ئەل دۈشمەنلىكى بىلەن ئەيىبلەندى.

پورتۇگالىيە باش مىنىستىرى ئانتونيو كوستا، دىسسېلبلۇمنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە چاقىرغان بولسا، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئىتالىيەلىك باشلىقى ئانتونيو تاجانىمۇ بۇ سۆزلەرنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

نارازىلىقلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن كېيىن كەچۈرۈم سورىغان دىسسېلبلۇم، سۆزلىرىنىڭ خاتا چۈشىنىلگەنلىكىنى بىلدۈردى، ئەمما ئىستېپا بېرىشنى رەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر