ئامېرىكىنىڭ ۋىسكونسىن ئىشتاتىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى

ئامېرىكىنىڭ ۋىسكونسىن ئىشتاتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان 3 يېرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا بىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي 4 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

697706
ئامېرىكىنىڭ ۋىسكونسىن ئىشتاتىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاۇساۇ شەھىرىدىكى بىر بانكىدا چىققان دەتالاش يۈزىسىدىن باشلانغان قوراللىق زوراۋانلىق ۋەقەسى ئادۋوكاتلىق ئىشخانىسى ۋە ئاھالىلەر قورۇسىدا داۋاملاشتى. ۋەقەلەردە بىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي 4 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئېۋېرېست مېتروسى ساقچى مۇدىرى ۋاللىي سپاركس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ۋەقەنىڭ بىر بانكىدا «شەخسىي ئىش تۈپەيلى كۆرۈلگەن چۈشىنىشمەسلىك» تىن كېيىن باشلانغانلىقىنى ۋە ھۇجۇمچىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خەۋپسىزلىك نەزەردە تۇتۇلۇپ رايوندىكى مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ كىرىش – چىقىشلىرى تاقالغان بولسىمۇ، ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي چەكلىمە بىكار قىلىندى.

100 دىن ئارتۇق خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ قوراللىق زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئۈچ ئايرىم جايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر