ئامېرىكا قىسىملىرى سۈرىيەدە بىر مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، 33 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

مەكىزىي ئىشخانىسى لوندوندا تۇرۇشلۇق سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش ئۆيى مەسئۇلى: «ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەر راككا، ھەلەب ۋە ھۇمۇستىن قېچىپ چىققان پۇقرالار ئىدى» دېدى.

696583
ئامېرىكا قىسىملىرى سۈرىيەدە بىر مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، 33 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملار تۈنۈگۈن سۈرىيەنىڭ شىمالدىكى بىر مەكتەپكە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە 33 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

قوزغىلاڭچىلارغا يېقىنلىقى بىلەن تۇنۇلغان ۋە مەكىزىي ئىشخانىسى لوندوندا تۇرۇشلۇق سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش ئۆيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مانسۇرا رايونىدا پۇقرالار ساقلىنىۋاتقان بىر مەكتەپكە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ تۈنۈگۈن ئەتىگەن تەرەپتە مەكتەپكە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ئۆيى قۇرغۇچىسى رامى ئابدۇرراھمان: «ھۇجۇمدا ھازىرچە 33 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتالايمىز. ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەر راككا، ھەلەب ۋە ھۇمۇستىن قېچىپ چىققان پۇقرالار ئىدى» دېدى.   

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر