ب د ت: شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بايرىقىنىڭ چىقىرىلىشى ئەندىشە پەيدا قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدىكى پۈتكۈل دۆلەت ئورگانلىرىغا ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بايرىقىنىڭ ئېسىلىشىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

696698
ب د ت: شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بايرىقىنىڭ چىقىرىلىشى ئەندىشە پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت  ئىراققا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى بايانات بېرىپ، ئىراق ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، كەركۈكنىڭ ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ سالاھىيەت دائىرىسى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ۋە ئىراق بايرىقىدىن باشقا بىر بايراقنىڭ چىقىرىلماسلىقى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، ئىراقتىكى كۆپلىگەن ئېتنىك ۋە دىنى گۇرۇپپىنىڭ ئۆزئارا چىقىشىپ ياشىشى ۋە تىنچلىقىنى خەۋپكە ئىتتىرىش ئېھتىمالى بار بىر تەرەپلىمە قەدەملەرنىڭ تاشلانماسلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلدى.

كەركۈك ۋالىيسى نەجمۇددىن كەرىم ئۆتكەن ھەپتە ۋىلايەت مەجلىسىگە ئۇقتۇرۇش يوللاپ، نورۇزنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن كەركۈكتىكى بارلىق دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرى بىنالىرىغا ئىراق بايرىقى بىلەن بىرلىكتە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بايرىقىنىڭ چىقىرىلىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر