رۇسىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەرزلىرىنى پات يېقىندا تۆلەپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق قەرزلىرىنى پات يېقىندا تۆلەپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

696003
رۇسىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەرزلىرىنى پات يېقىندا تۆلەپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بوسنىيە - گېرتسېگوۋىناغا بولغان بارلىق قەرزلىرىنى 45 كۈن ئىچىدە تۆلەپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە مۇئاۋىن مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى سېرگېي ستورچاك بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن ئېشىپ قالغان قەرزلەرنى تۆلەش مەسىلىسىدە بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا بىلەن كېلىشكەنلىكىنى ئېيتتى.

بوسنىيە - گېرتسېگوۋىناغا 45 كۈن ئىچىدە 125 مىليون 200 مىڭ دوللار تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ستورچاك، رۇسىيە بۇ قەرزنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەرزى قالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

رۇسىيە سوۋېت ئىتتىپاقى 1991-يىلى يىمرىلگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربلىك دۆلەتلەرگە بولغان 66 مىليارد دوللارلىق قەرزىنى تۆلەش مەجبۇرىيىتىنىمۇ زېممىىسگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر