مېكسىكىدا يەنە بىر كوللېكتىپ مازار تېپىلدى

مېكسىكىنىڭ ۋېراكرۇز ئۆلكىسىدە تېپىلغان بىر كوللېكتىپ مازاردىن 47 ئادەمنىڭ باش سۆڭىكى چىقتى.

696026
مېكسىكىدا يەنە بىر كوللېكتىپ مازار تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېراكرۇز ئۆلكىسىنىڭ جۇمھۇرىيەت دەرىجىلىك تەپتىش خادىمى جورج ۋىنكلېر، ئۆتكەن ھەپتە بىر كوللېكتىپ مازاردىن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ كۆمۈۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالغان 250 كىشىنىڭ ئىسكىلىتى تېپىلغان جايدىكى ئىككىنچى بىر مازاردىن يەنە 47 ئادەمنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ۋىنكلېر، تېپىلغان باش سۆڭەكلىرىدىن بەشىنىڭ كىملىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى، رايوندىكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ۋېراكرۇز ئۆلكىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بەزى پۇقراۋى قوغدىنىش گۇرۇپپىلىرى، يوقاپ كەتكەنلەرنى تېپىش ئۈچۈن بۇ خىل رايونلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلاردىن بۇ يولدىكى خىزمەتلىرىگە ھەمدەم بولۇشىنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر