خىتايدا سۇ ئاستىدىن تېپىلغان كېمىلەردىن خەزىنە چىقتى

تېپىلغان كېمىلەرنىڭ مىڭ خانىدانلىقى دەۋرىدىكى ئىسيانچى يېزا باشلىقى چاڭ شىئەنجوڭغا تەۋە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

694827
خىتايدا سۇ ئاستىدىن تېپىلغان كېمىلەردىن خەزىنە چىقتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى سىچۇئەن ئۆلكىسىدە مىڭجىياڭ ۋە جىنجىياڭ دەريالىرى كېسىشىدىغان جايدا، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 400 يىل ئىلگىرى چۆكۈپ كەتكەن كېمىلەردىن ئالتۇن، كۆمۈش، مىس ۋە باشقا مېتال بويۇملاردىن ياسالغان 10 مىڭدىن ئارتۇق نەرسە - كېرەك تېپىپ چىقىرىلدى.

خىتاي ئارخىئولوگلىرى دەريا ئاستى قېزىپ تەكشرۈش خىزمەتلىرى جەريانىدا بايقالغان بويۇملار ئارىسىدا  نۇغۇنلىغان تەڭگىلەر، قىلىچ، پىچاق، نەيزە ۋە زىبۇ - زىننەت بويۇملىرىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

سىچۇئەن مەدەنىي مىراسلار ۋە ئارخىئولوگىيەلىك تەتقىقات ئىنسىتېتۇتى دىرىكتورى گاۋ دالۇن، تېپىلغان بويۇملاردىكى ئويمىلارنىڭ ئىنتايىن ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە تولىمۇ نەپىس ئىشلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

سىچۇئەن ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى چىڭدۇدىن 50 كېلومېتىر جەنۇپ تەرەپكە جايلاشقان مىڭجىياڭ ۋە جىنجىياڭ دەريالىرى كېسىشىدىغان جايدا بايقالغان خەزىنىنىڭ مىڭ خانىدانلىقى ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمى جەريانىدا سوغا غەرپ بولغان ئىسيانچى يېزا باشلىقى چاڭ شىئەنجوڭغا تەۋە كېمىلەر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاي ئارخىئولوگلار كېلەر ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىش ئالدىدا تۇرغان سۇ ئاستى قىزىپ تەكشۈرۈشلىرى جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ يادىكارلىقلارنىڭ تېپىلىشىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر