دائېشتىن ئازاد قىلىنغان باب ناھىيەسىدە كۈندىلىك تۇرمۇش ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە دائېشتىن ئازاد قىلىنغان باب ناھىيەسىدە كۈندىلىك تۇرمۇش ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى.

694422
دائېشتىن ئازاد قىلىنغان باب ناھىيەسىدە كۈندىلىك تۇرمۇش ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن ئازاد قىلىنغان سۈرىيەنىڭ ھەلەبكە قاراشلىق باب ناھىيەسىدە كۈندىلىك تۇرمۇش ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى.

بىخەتەرلىك بەرپا قىلىنغان ناھىيەدە يەرلىك خەلق بىر تەرەپتىن ئۆيلىرىگە قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خوشال بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ۋەيران قىلىۋەتكەن ناھىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىمەكتە.

بابتىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن سۈرىيەلىك ئابدۇلھەمىد ئەل رەجەپ، تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن بابنى قايتۇرۇپ ئېلىشىدىن كېيىن، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ئەسلىگە كېلىشىكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە كېلىپ سۈرىيەلىكلەرگە كۆپ ياردەم قىلدى، ئۇلارغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن، ئاللاھ خالىسا ھەممە ئىش ئىزىغا چۈشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر