ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئايرىۋېتىش تېمىنىڭ پۈتكۈزۈلۈشىنى تەستىقلىدى

ئىسىرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان راماللاھنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بەيت ئەيل يەھۇدىي تۇرالغۇسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئايرىۋېتىش تېمى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈزۈلۈشىنى تەستىقلىدى.

693716
ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئايرىۋېتىش تېمىنىڭ پۈتكۈزۈلۈشىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە دۆلەت رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىبېرمان، «ئايرىۋېتىش تېمىنىڭ بەيت ئەيل تۇرالغۇ جايىنى قوغداشنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى ۋە ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقلىرى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

لىبېرمان يەنە، بەيت ئەيل تۇرالغۇ جايىنىڭ غەربىدىكى ئەل جەلەزون مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ يېنىغا سېلىنىدىغان تامنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مىنىستىرلىقنىڭ 1.3 مىليون دوللار خامچوت ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى 2000-يىلى پارتلىغان مەسجىدى ئەقسا ۋەقەسىدىن كېيىن، «ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي قۇددۇس بىلەن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ئوتتۇرىسىدا «ئايرىۋېتىش تېمى» سېلىشنى باشلىغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئاريېل شاروننىڭ 2000-يىلى 28-سېنتەبىر مەسجىدى ئەقساغا كىرىشى بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق قوزغىلىش شەرقىي قۇددۇستا باشلانغان ئىدى. شارون ئەينى ۋاقىتتا، مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىدا ئايلىنىپ: «بۇ يەر ئىسىرائىلىيەنىڭ بىر رايونى بولىدۇ» دېگەن ئىدى. بۇ سۆزلەر مەسچىتتىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان ۋە ئىسىرائىلىيە خەۋپسىزلىك قىسىملىرى بىلەن چىققان توقۇنۇشلاردا يەتتە پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 250 ئادەم يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر