ئىنتېرپول، 4 شىمالىي كورېيەلىك ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى – ئىنتېرپول، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ ئۇننىڭ ئۆگەي ئاكىسى كىم جوڭ نامنىڭ مالايشىيادا ئۆلتۈرۈلۈشىدە رول ئوينىغان، دەپ قارىلىۋاتقان شىمالىي كورېيەلىك 4 كىشى ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

693538
ئىنتېرپول، 4 شىمالىي كورېيەلىك ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «The Star» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مالايشىيا ساقچى باش مۇدىرى خالىت ئەبۇبەكىر، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى – ئىنتېرپولنىڭ كىم جوڭ نام جىنايىتى سادىر قىلىنغان 13 – فېۋرالدا كۇئالا لۇمپۇر خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان رخى جى-يون (33)، خوڭ سون-خاك (34)، ئو جوڭ-گىل )55) ۋە رى جائې-نام (57)  قاتارلىقلار ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

خالىد، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ 13 – فېۋرالدا كىم جوڭ نامنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان VX مېڭە گازى بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن شۇ كۈنى مالايشىيادىن پيوڭياڭغا كەتكەنلىكىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مالايشىيا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد زاھىد ھامىدى ئالدىنقى كۈنى بايانات بېرىپ، مالايشىيا دائىرىلىرىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بىر دۆلەتكە بېرىپ، كىم جوڭ نامنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ بىرىدىن DNA ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى بىلەن سېلىشتۇرغانلىقىنى، نەتىجىدە 13 – فېۋرالدا ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ كىم جوڭ-نام ئىكەنلىكىنىڭ جەزملەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر