ئامېرىكا سۈرىيەگە يەنە زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىغا يەنە مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىشنى پىلانلىماقتا.

692751
ئامېرىكا سۈرىيەگە يەنە زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتىس بىلەن پىرېزىدېنت ترامپ پىلان لايىھەسىنى ماقۇللىغان تەقدىردە، سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىغا ئەۋەتىلىدىغان ئەسكەرلەرنىڭمۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغانلىقى، ئەمما دەسلەپكى قەدەمدە ئۇرۇشقا قاتناشمايدىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رايوندا 500 ئامېرىكا ئەسكىرى بار بولۇپ، بۇلاردىن 100 ى ئالاھىدە قىسىم ئەسكىرى، قالغانلىرى مۇنبىچتە تۇرۇۋاتقانلار ئىكەن.

رەققە ئەتراپىدا بولسا 150 ئالاھىدە قىسىم ئەسكىرى ۋە 250  دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەسكىرى توپچى قىسىملارنىڭ ياردىمى ئاستىدا رەققەگە ھەربىي يۈرۈش قىلىشنى كۈتمەكتە ئىكەن.

پىرېزىدېنت ترامپ ئالدىنقى پىرېزىدېنت باراك ئوبامانى  سۈرىيە مەسىلىسىدە رولىنى جارى قىلدۇرالماسلىق بىلەن ئەيىبلەپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ساھەدىكى ياردەم قىلىنىۋاتقان گۇرۇپپىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئالدىنقى ھۆكۈمەتنىڭ سۈرىيە پىلانىنى ئاساسىي جەھەتتىن بىر چەتكە قايرىپ قويغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر