پاكىستاندا نوپۇس تەكشۈرۈش باشلىنىپ كەتتى
ھازىر پاكىستان ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 200 مىليوندىن ئاشقانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا ئارىدىن 19 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈنجى قېتىم نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا.
پاكىستان خەلقىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئەمەلدار ئاسىف باجۋا، نوپۇس ساناش خىزمەتلىرىنىڭ بۈگۈن باشلانغانلىقىنى ۋە 15 - مايدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاسىف باجۋا كەڭ خەلق ئاممىسىنى نوپۇس تەكشۈرۈش خادىملىرىغا ھەمكارلىشىشقا چاقىرىق قىلدى. بۇ قېتىم ساناشقا تەخمىنەن ئىككى يېرىم مىليون ئەتراپىدىكى ئافغانىستانلىق پاناھلانغۇچى ۋە دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭمۇ كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل مەمۇرلارغا 200 مىڭ ئەسكەرنىڭ ياردەمچى بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.
پاكىستان ھۆكۈمىتى 1998 – يىلى ئېلىپ بارغان ئاخىرىقى تەكشۈرۈشتىن كېيىن پاكىستان نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 180 مىليون ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئارىدىن 19 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بولسا، پاكىستان نوپۇسىنىڭ 200 مىليوندىن ئاشقانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.