تۈركىيە گوللاندىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى توڭلىتىپ قويدى

گوللاندىيەنىڭ تۈركىيەلىك مىنىستىرلارغا قارشى ئىرىقچىلارچە، فاشىستلارچە ۋە ناتسىستلارچە پوزىتسىيە تۇتۇشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن دىپلوماتىك كىرىزىس سەۋەبىدىن بۇ دۆلەت بىلەن بولغان يۇقىرى سەۋىيەدىكى مۇناسىۋەتلەر توڭلىتىپ قويۇلدى.

691314
تۈركىيە گوللاندىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى توڭلىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ دائىرىدە دەم ئېلىۋاتقان تۈركىيە باش ئەلچىسىنىڭ تۈركىيەگە قايتىشى مەنئىي قىلىندى.

رەسمىي زىيارەتلەر ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدىغان دىپلوماتلارنىڭ كېلىشىمۇ مەنئىي قىلىندى. تۈركىيە گوللاندىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تولدۇرمىغۇچە دىپلوماتىك ئۇچۇشلارغىمۇ رۇخسەت قىلمايدۇ.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى بىلەن گوللاندىيە پارلامېنتى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ تۈركىيە قىسمىنى بىكار قىلىشنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە تەۋسىيە قىلىش توغرۇلۇق قارار چىقىرىلدى. بىراق گوللاندىيە پۇقراسى بولغان تۈركلەر دىپلوماتىك ئېمبارگولارغا داخىل قىلىنمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر