قازاقىستاندا 3-نۆۋەتلىك سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەت يىغىنى باشلىدى

قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدا 3-نۆۋەتلىك سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەت يىغىنى باشلىدى.

691294
قازاقىستاندا 3-نۆۋەتلىك سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەت يىغىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدا 3-نۆۋەتلىك سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەت يىغىنى باشلىدى.

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەت يىغىنىدا، تۇنجى بولۇپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر ھەيئىتى بىلەن رۇسىيە ھەيئىتى كۆرۈشتى.

كۆرۈشلەردە رۇسىيە ھەيئىتىگە رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق ئىدارىسى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندېر لاۋرېنتيېۋ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مىسلوس سىترۇگار باشچىلىق قىلدى.

رۇسىيە ھەيئىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئىيوردانىيە ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشتى.

ھەيئەت ئارقىدىن بەششار جافەرى باشچىلىقىدىكى سۈرىيە ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشتى.

بۇ ئارىلىقتا، تۈركىيە بىلەن ئىران ھەيئەتلىرىمۇ ئاستانىغا يېتىپ كەلدى.

ئاستانا سۆھبەتلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىكى 23 ۋە24 – يانۋاردا، ئىككىنچى نۆۋەتلىكى 15 ۋە 16-فېۋرالدا چاقىرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر