ئامېرىكا ئافغانىستاندا ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىدۇ

ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) نىڭ قوماندانى جوسېف ۋوتېل ئافغانىستاندىكى قالايمىقانچىلىقنى يىڭىش ئۈچۈن ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ چىققانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

689050
ئامېرىكا ئافغانىستاندا ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى جوسېف ۋوتېل بىلەن ئامېرىكا ئافرىقا قىسىملىرىنىڭ قوماندانى توماس ۋولدخاۋسېر كېڭەش پالاتاسى ئارمىيە كومىتېتىدا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرىسىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ۋوتېل، «ئارىدىن 15 يىل ئۆتكەندە ئافغانىستاندا قالايمىقانچىلىققا پاتقانلىقىمىز توغرىسىدا پىكىرىمىز ئوخشاشمۇ؟» دېگەن سوئالغا: «ھەئە، شۇنداق» دەپ جاۋاب بەردى.

ۋوتېل سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«ھازىر بىر ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقتۇق، بۇ توغرىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس ۋە مىنىستىرلىقتىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈۋاتىمىز.»

ئافغانىستاندا 8400 ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە ناتو (NATO) نىڭ 5000 ئەسكىرى بار. بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىنىڭ ئارقا سەپ ئىشلىرىغا ۋە ئافغانىستان ئەسكەرلىرىنى تەربىيەلەشكە مەسئۇل 10 مىڭ ھەربىي خادىمى بار.

گېنېرال ۋوتېل ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ 28-يانۋار يەمەندە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەل قائىدەگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدىكى سوئاللارغىمۇ جاۋاب بەردى. ئۇ ھەربىي ھەرىكەتتىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى، بىراق ھەرىكەتتە چوڭ يوقىتىشقا دۇچ كەلگەنلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرى قاتناشقان ھەربىي ھەرىكەتتە، بىر ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە نۇرغۇن پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، زەربىگە ئۇچرىغان بىر ھەربىي تىك ئۇچارمۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن پارتلتىۋېتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر