جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى پاك گيۇنخاي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

جەنۇبىي كورېيەدە چىرىكلىك ۋە سىياسىي نوپۇز سەتچىلىكى سەۋەبىدىن ھوقۇقى ۋاقىتلىق تارتىۋېلىنغان پىرېزىدېنت پاك گيۇنخاي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

689012
جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى پاك گيۇنخاي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ 8 سودىيەدىن تەشكىل تاپقان ھەيئىتى پاك گيۇنخاينى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرۇلۇق بىردەك ئاۋاز بىلەن قارار چىقاردى.

باش سوتچى لې جۇڭمى تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئارقىلىق نەق مەيداندىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «پاك گيۇنخاينىڭ باياناتلىرى ۋە ئىجرائاتلىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇنىڭدا ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئىرادىسىنى كۆزگە چېلىقتۇرالمىدۇق. دۆلەت باشلىقىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرنى دەپسەندە قىلىشى خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە خىيانەت قىلغانلىق بولىدۇ. ئاساسىي قانۇننى قوغداش جەھەتتىن بۇنداق قىلمىشلارنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.»

ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ قارارىدىن كېيىن پايتەخت سېئۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا 2 كىشى قازا قىلدى.

پاك گيۇنخاي دۆلەت تارىخىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان تۇنجى پىرېزىدېنت بولدى.  ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ قارارى سىياسىي قوغدىنىش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالغان پاك گيۇنخايغا سوتلىنىش يولىنى ئاچتى.

ئىگىلىنىشىچە، جەنۇبىي كورېيەدە قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن 60 كۈن ئىچىدە سايلام ئۆتكۈزۈلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر