فىرانسىيەدە كۆپىنچىسى تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ئونلارچە كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

پارىژ ساقچىلىرىنىڭ ساقچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا زوراۋانلىق قىلىش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلارغا بىلدۈرگەن پوزىتسىيەسى قاتتىق بولدى.

687987
فىرانسىيەدە كۆپىنچىسى تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ئونلارچە كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى
paris'te polis şiddeti.jpg
paris, polis.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ساقچىلارنىڭ بىر گۇماندارغا جىنسىي جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىغا ئىشتىراك قىلغان كۆپ سانلىقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ جەمئىي 54 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

پارىژدا ساقىچلار، ساقچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا زوراۋانلىق قىلىش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلارغا بىلدۈرگەن پوزىتسىيەسى قاتتىق بولدى؛ ۋەقە جەريانىدا، ساقچىلار بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى تاشلىدى، ۋەقەدىن كېيىن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار تارقاقلاشتۇرۇلدى.

مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئۆتكەن ئاينىڭ مابەينىدە بېسىقتۇرۇلالمىغان نامايىشلارغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈردى.

ۋەقەگە چېتىلىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ كۆپ سانلىقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ.

پارىژدا 2 – فېۋرالدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بىر گۇماندارىنىڭ ساقچىلارنىڭ جىنسىي زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشىشى ۋە ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر