ماداغاسقاردا بوران - چاپقۇن ئاپىتى يۈز بەردى

ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئارال دۆلىتى ماداغاسقاردا بوران - چاپقۇن ئاپىتى يۈز بېرىپ كەم دېگەندە 3 كىشى قازا قىلدى، 500 كىشى ئۆي – ماكانسىز قالدى.

687382
ماداغاسقاردا بوران - چاپقۇن ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ L'Express de Madagascar› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوران - چاپقۇن ئاپىتى دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسمىغا ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن، بوران - چاپقۇن كەلتۈرۈپ چىقارغان كۈچلۈك شامال ۋە يامغۇر سەۋەبىدىن رايوندىكى نۇرغۇن مەكتەپلەر، دۆلەت بىنالىرى ۋە ئۆي – ماكانلار زىيانغا ئۇچرىغان.

ئىگىلىنىشىچە، بوران – چاپقۇننىڭ جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، پايتەخت تانانارىۋغا تەسىر كۆرسىتىش خەۋپى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر