ۋېنگىرىيە مۇساپىرلار ئېقىمىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن يەنە بىر «چارە»نى ئويلاپ چىقتى

ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى مۇساپىرلار ئېقىمىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن تىكەنلىك سىم توسۇقلارغا كامېرا ئورنىتىشتىن باشقا، توك سىمى ئۇلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

686437
ۋېنگىرىيە مۇساپىرلار ئېقىمىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن يەنە بىر «چارە»نى ئويلاپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگىرىيە مۇساپىرلار ئېقىمىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن سېربىيە چېگراسىغا سېلىنغان تىكەنلىك سىم توسۇقلارغا توك سىمى ئۇلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋېنگىرىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى زولتان كوۋاكس،  ۋېنگىرىيە-سېربىيە چېگراسىغا ئورنىتىلغان تىكەنلىك سىم توسۇقلارنىڭ مۇساپىرلار ئېقىمىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ۋېنگىرىيەنىلا قوغداپ قالماستىن، بەلكى يەنە پۈتكۈل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىمۇ قوغدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تىكەنلىك سىم توسۇق ئورنىتىش خىزمىتىنى 1-مايغىچە ئاخىرلاشتۇرۇشنى پىلانلىغانلىقلىرىنى، سىم توسۇقلارنىڭ 150 كىلومېتىرلىق جايغا ئورنىتىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا تىكەنلىك سىم توسۇقلارغا كامېرا ۋە باشقا تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان كوۋاكس مۇنۇلارنى دېدى: «يېڭىچە <ئەقىللىق تىكەنلىك سىم توسۇق>لارنىڭ تېخنىكىلىق خۇسۇسىيىتى بۇرۇنقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىلغار ھېسابلىنىدۇ. ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ تۈرتكىسىدە تىكەنلىك سىم توسۇقلارغا ئىنسان ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كەلمەيدىغان توك سىملىرىمۇ ئۇلىنىدۇ. بۇ سىستېما مەركەز ۋە قاراۋۇللارنى مۇساپىرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن چېگرادىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ.»

نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋېنگىرىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ۋېنگىرىيەگە قانۇنسىز كىرگەن مۇساپىرلارغا قاتتىق قوللۇق قىلغاندىن كېيىن، سېربىيەگە قايتۇرۇۋېتىدىغانلىقلىرىنى  ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر